شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى تېخنىكا ئەسلىھەلىرى شىركەت سالاھىيتى
شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى    كارخانىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

   

شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى

 

جۇڭگو ئېنېرگىيە مەنبەسى قۇرۇلۇش گورۇھى شىنجاڭ ئېلېكىر قۇرۇلۇش شىركىتى 1956-يىلى قۇرۇلغان، 50 نەچچە يىللىق جاپالىق ئىگىلىك تىكلەش نەتىجىسىدە، شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتى ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئىلىش تۈرى بويىچە 1-دەرىجە (تىرانسىفورماتورنى يوللاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئېمارەت قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئىلىش تۈرى بويىچە 2-دەرىجە، شەھەر مەمۇرىيتى ئاممىۋى قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئىلىش تۈرى بويىچە 2-دەرىجە، پولات قۇرۇلمىلىق قۇرۇلۇشنى كەسپى ھۆددىگە ئىلىش تۈرى بويىچە 2-دەرىجە، ئىغىرلىق كۆتۈرۈش ئەسلىھەلىرى قۇراشتۇرۇش قۇرۇلىشىنى كەسپى ھۆددىگە ئىلىش تۈرى بويىچە 2-دەرىجە، ئوت ئېلېكتىر قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ تەڭشەش ھالقىسى بويىچە ب دەرىجە، چوڭ ماللارنى توشۇش ھالقىسى بويىچە ئا دەرىجىگە يەتكەن ھەمدە GB تۈرى + GA1+ GC1 بىسىملىق تۇراببا يولىنى قۇراشتۇرۇش سالاھىيتىنى ھازىرلىغان كارخانا بولۇپ تەرەققى قىلدى.
   شىركەت ئاساسلىقى ھەر تۈرلۈك ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ پۈتكۈل قۇرۇلۇشلىرى، قۇراشتۇرۇش، تەڭشەش، سانائەتتە ۋە ئامما ئىشلىتىدىغان تارقاق قۇراشتۇرۇلىدىغان پار قازانلارنى قۇراشتۇرۇش، ھەر تۈرلۈك بىسىملىق تۇرۇببا يولىنى قۇراشتۇرۇش، شامال كۈچى ئېلېكتىر پونكىتى، قوياش ئېنېرگىيلىك ئېلېكتىر پونكىتى، يادرو ئېلېكتىر پونكىتى تەسىس قىلىنىدىغان ئارال ۋە قوشۇمچە ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى قۇراشتۇرۇش، ھەر خىل ئېلېكتىر بىسىم دەرىجىسىدىكى تىرانسىفورماتور توك يولى ۋە تىرانسىفورماتور پونكىتىنىڭ پۈتكۈل قۇرۇلۇشى، نىفىت، خىمىيە سانائىتى ۋە باشقا سانائەت ئەسلىھەلىرىنى قۇراشتۇرۇش، ئاپتوموبىلدا توشۇش، رىمۇنىت قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاسما ھالەتتە قۇراشتۇرۇش كەسپى، چوڭ تىپتىكى ئاسما ھالەتتە قۇراشتۇرىدىغان ماشىنىلىرىنى ئىجارىگە بىرىش، ھەر خىل توننا بىرلىكىدىكى كۆۋرۈك شەكىللىك، مۇنار شەكىللىك كىران ۋە ھەر خىل تىپتىكى لىفىتلارنى قۇراشتۇرۇش، رىمۇنىت قىلىش، ئەسلىھەلەردە چىرىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ھەمدە مېتال ياساش، پىششىقلاپ ئىشلەپ، ئېلېكتىر تېخنىكىسى بويىچە مەسلىھەت بىرىش، كەپشەرلەش، ئېغىرلىق كۆتىرىش قاتارلىق ئالاھىدە ئىش تۈرلىرى بويىچە تەربىيلەش قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.    
   شىركەتنىڭ تېخنىكا كۈچى زور، تېخنىكا ئەسلىھەلىرى ئىلغار، تەكشۈرۈش ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، ئىش تۈرى بويىچە سەپلىنىدىغان ئۈسكۈنىلىرى تولۇق. شىركەتتە ھازىر 1560 نەپەردىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچى بولۇپ، ھەر تۈرلۈك كەسپى تېخنىك خادىملار 500 نەپەردىن ئارتۇق. بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك تېخنىك ئۈنۋاندىكى خادىملار 520 نەپەردىن ئارتۇق (ئالىي دەرىجىلىك ئۈنۋاندىكىلەر 36 نەپەر). ئالىي، ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنىك ئىشچىلار 860 نەپەردىن ئارتۇق، ئالىي، ئوتتۇرا دەرىجىلىك بىسىم بىلەن كەپشەرلەش لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى بار كەپشەرچى 200 نەپەردىن ئارتۇق، 1-دەرىجىلىك قۇرۇلۇش لايىھەلىگۈچى 27 نەپەر. 80 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مۇقىم مۈلۈككە ئىگە، ئىلغار بولغان 700 توننا، 400 توننا، 250 توننا، 150 توننا، 80 توننىلىق زەنجىر تاپانلىق ئاسما كىران؛ 500 توننا، 300 توننا، 200 توننا، 50 توننا، 32 توننىلىق يولدا ئىشلىتىدىغان ئاپتوموبىللىق كىران؛ 130 توننا، 75 توننا، 60 توننا، 40 توننىلىق مۇنار شەكىللىك، ئىشىك شەكىللىك كىرانلار بار؛ ئىمپورت قىلىنغان 300 توننىلىق تەكشى باگاژنىكلىق ماشىنا ھەمدە سۇيۇق بىسىملىق سۆرەش ماشىنىسى، تىنسىئونېر قاتارلىق ھەر خىل قۇرۇلۇش ماشىنىلىرىدىن بولۇپ 400 نەچچە دانە بار.   
   شىركەت قۇرۇلغان 50 نەچچە يىلدىن بىرى، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك تىپلىق ئېلېكتىر ئىستانىسسىدىن 100 دىن ئارتۇق، گىنراتورلار گورۇپپىسىدىن 230 دانە (يۈرۈش) دىن ئارتۇقنى قۇراشتۇردى، ئومۇمىي قۇراشتۇرغان گىنراتور سىغىمى 10 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشىدۇ؛ سانائەتتە ۋە ئامما ئىشلىتىدىغان، چاچما ھالەتتە قۇراشتۇرىدىغان پار قازاندىن 100 دىن ئارتۇقنى قۇراشتۇردى؛ 750 كىلوۋات، 220 كىلوۋاتلىق ھەمدە ئۇنىڭدىن تۆۋەن توك بىسىمى دەرىجىسى تىرانسىفورماتور ئىستانىسسى، توك يولى قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئالدى، قاپلىنىش دائىرىسى ئېلىمىز ۋە چەتئەلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ھەر تۈرلۈك شامال ئېلېكتىر گىنراتورلار گورۇپپىسىدىن 3210 دانىدىن ئارتۇقنى قۇراشتۇرغان بولۇپ، قۇراشتۇرغان گىنراتورلار سىغىمى 4200 مېگاۋاتتىن ئاشىدۇ، شامال كۈچى بىلەن توك چىقىرىش مەيدانى كەڭ دەشىت-باياۋانلارغا سىلىندى. 1956 يىلى شىنجاڭ ۋېيخۇلىياڭ 3-نومۇرلۇق گىنراتورلار گورۇپپىسى (6 مېگاۋات) نى قۇراشتۇرۇپ ھازىرغىچە، خۇڭيەنچى 2-ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ 4x200MW لىق گىنراتورلار گورۇپپىسى، ماناس ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ 3-قارارلىق كىڭەيتىش قۇرۇش، 2x300MW لىق گىنراتورلار گورۇپپىسىنى قۇراشتۇرۇش تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭ ئىچىدىكى ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق ئوت ئېلېكتىر ئىستانىسسى ھەمدە شىنجاڭدىن ھالقىىپ (شاڭخەي، شەندۇڭ، گەنسۇ، شەنشى، خېنەن، خۇنەن، جېجىياڭ، جياڭسۇ، شەندۇڭ، چىڭخەي)، چەتئەللەرنىڭ قۇرۇلۇش تۈرىنىمۇ تاماملىدى. شىركەت يۆياڭ ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ (330MW لىق گىنراتورلار گورۇپپىسى)، جياڭسۇ لۈسى ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ (2x660MW لىق گىنراتورلار گورۇپپىسى)، سۇدان خارتوم نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ ئۆز ئېلېكتىر ئىستانىسسى، تاجىكىستاننىڭ 500 كىلوۋاتلىق تىرانسىفورماتور ئېلېكتىر لىنىيسى قاتارلىق ئېلېكتىر مەنبەسى، ئېلېكتىر تورى، شامال ئېلېكتىر قۇرۇلۇشلىرىنى كۆتىرە ئىلىپ تاماملىدى.   
   شىركەت 1994-يىلى گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى، قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۇنيا ۋە جۇڭگونى باشقۇرۇش، باھالاش مەركىزى ئېلان قىلغان شۇ يىللىق جۇڭگودىكى 500 ئەڭ ياخشى ئىقتىسادى ئۈنۈم قۇرۇلۇشى كارخانىسى ئىچىدە بىرىنچى دەرىجىلىك كارخانىلارنىڭ قاتارىدا 68-رەتكە، ئەسلىھە قۇراشتۇرۇش كەسپىدىكى ئەڭ چوڭ تىجارەت كۆلىمىگە ئىگە 100 كارخانىلارنىڭ قاتارىدا 51- رەتكە، مۇشۇ كەسىپتىكى ئەڭ ياخشى ئىقتىسادى ئۈنۈم ياراتقان 100 كارخانا ئىچىدە 13-رەتكە تىزىلغان. 1995-يىلى شىركەت 50-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئىستاتىستىكا قۇرۇلتىيى جۇڭگو گورۇپپىسى كوممىتىتى، دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، جۇڭگو تېخنىكىدا ئالغا بىسىشنى باھالاش مەركىزى تەرىپىدىن «جۇڭگودىكى ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى بويىچە قۇراشتۇرۇش تۈرىدە تۆھپە ياراتقان كارخانا» دىگەن نامغا ئىرىشكەن. 1999-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ ئۇدا GB/T19002idtlSO9001؛ 2000 سۈپەت باشقۇرۇش سىستېمىسى، GB/T2400lidtlSO14000 مۇھىت باشقۇرۇش سىستېمىسى، GB/T28001-2001 كەسپى ساغلاملىق بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئىتىراپ قىلىشىدىن ئۆتتى. 2005-يىلى دۆلەتلىك قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى تارقاتقان بىخەتەرلىك ئىجازەتنامىسىگە ئىرىشتى؛ شۇ يىلى مېتال تەجىرىبىخانىسىنىڭ ئىتىراپ قىلىنغان سالاھىيتىگە، ئاپتۇنۇم رايونلۇق ئىقتىسادى سودا كوممۇتىتى تارقاتقان ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرى ئىجازەتنامىسىغا ئىرىشتى.   
   2008-يىلى شىركەتنىڭ خۇنەندىكى مۆلدۈر ئاپىتىگە قارشى تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ كۆرسەتكەن تۆھپىسى ئالاھىدە بولغاچقا، «مەملىكەتلىك 1-ماي ئەمگەكچىلەر مۇكاپاتى» غا ئىرىشتى؛ دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى شىركىتى تەرىپىدىن «2007-2008-يىللىق مەدەنىيەتلىك ئورۇن (ئۆلگىلىك ئورۇن)» دىگەن شەرەپلىك نامغا ئىرىشتى؛ 2008-2012-يىلغىچە ئۇدا جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، دۆلەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تەرىپىدىن «مەملىكەتلىك ئەنكاڭ لۇڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە غەلبىگە ئىرىشكەن كارخانا» دىگەن نامغا ئىرىشتى؛ ئاپتونوم رايون بويىچە «ۋەدىگە ئەمەل قىلىدىغان، ئىشەنچىلىك كارخانا»، «شىنجاڭنى ئىچىش، قۇرۇش مۇكاپاتى»، «ئاپتونوم رايون بويىچە نەمۇنىلىق ئەمگەك مۇناسىۋىتى تىكلىگەن ئىناق كارخانا»، «100 ياخشى مەدەنىيەتلىك ئورۇن» دىگەندەك كۆپلىگەن شان- شەرەپلەرگە نائىل بولدى؛ 2001-يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە «ئاپتۇنۇم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىك ئورۇن» دىگەن نامنى ساقلاپ كەلدى.    
   ئېلېكتىر مەنبەسى قۇرۇلۇش ساھەسىدە، شىركەت كۆتىرە ئالغان گەنسۇ جاڭيې ئېلېكتىر ئىستانىسسى قۇرۇلۇشى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، جۇڭگو قۇرۇلۇش كەسپى جەمئىيتى تەرىپىدىن «جۇڭگو ئېمارەتلەر قۇرۇلۇشى لۇبەن مۇكاپاتى (دۆلەتلىك ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش)» غا ئىرىشتى؛ ماناس ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ 3-قارارلىق كىڭەيتىش قۇرۇلۇشى شۇ يىل ئىچىدە قوش سىلىنمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك 4 سۈپەت مۇكاپاتىغا، ئاپتۇنۇم رايون دەرىجىلىك 4 مۇكاپاتقا ئىرىشتى. بۇ قۇرۇلۇش جۇڭگو ئېلېكتىر قۇرۇلۇش كارخانىلىرى جەمئىيتى تەرىپىدىن «2009-يىللىق جۇڭگو ئېلېكتىر ساھەسىدىكى ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش» مۇكاپاتىغا، جۇڭگو قۇرۇلۇش كەپشەرچىلىك جەمئىيتى تەرىپىدىن «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كەپشەرلىك قۇرۇلۇش بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپات» قا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن مەملىكەتلىك قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى يېڭى تىخنىكىنى ئەمەلىي قوللۇنۇش، ئۆلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇش دىگەن نامغا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاپتۇنۇم رايونلۇق تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش نازارىتى تەرىپىدىن «2009-يىللىق ئېمارەت قۇرۇلۇش بويىچە تەڭرىتاغ مۇكاپاتى» ۋە «2009-يىللىق ئاپتۇنۇم رايون دەرىجىلىك قۇرۇلۇش بىخەتەرلىكى بويىچە مەدەنىيەتلىك قۇرۇلۇش نەق مەيدانى» دىگەن نامغا، ئاپتۇنۇم رايونلۇق ئەمگەك مۇسابىقىسى كوممىتىتى تەرىپىدىن «ئاپتۇنۇم رايوننىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش مۇسابىقىسىدە غەلبىگە ئىرىشكەن ئورۇن» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئىرىشتى؛    
   مىدۇڭ تاشلىق كۆمۈر ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانى 2009-يىللىق ئاپتۇنۇم رايونلىق ئېمارەتلەر قۇرۇلۇش بىخەتەرلىكىدىكى مەدەنىي قۇرۇلۇش ئورنى بولۇپ باھالاندى؛ ئۈرۈمچى ئىسسىقلىق ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى 2-نومۇرلۇق گىنراتورلار گورۇپپىسى ئېلېكتىر ساھەسى بويىچە 2010-يىللىق «ئۆلچەمگە توشقان قۇرۇلۇش» بولۇپ باھالاندى؛ شېنخۇا شېندۇڭ ئېلېكتىر ئىستانسسىنىڭ شىنجاڭ مىدۇڭ تاشلىق كۆمۈر ئىسسىقلىق ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى، جۇڭگو ئېلېكتىر گورۇھىنىڭ شىخۇ ئىسسىقلىق ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى، خۇادىيەن ئېلېكتىر گورۇھى شىنجاڭ ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتى سانجى ئىسسىقلىق ئېلېكتىر ئىستانىسسى قۇرۇلۇشى 2012- يىللىق جۇڭگو ئېلېكتىر ساھەسىدىكى ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشتى؛ بۇنىڭ ئىچىدە خۇادىيەن ئېلېكتىر گورۇھى شىنجاڭ ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتى سانجى ئىسسىقلىق ئېلېكتىر ئىستانىسسى قۇرۇلۇشى، شېنخۇا شېندۇڭ ئېلېكتىر ئىستانسسىنىڭ شىنجاڭ مىدۇڭ تاشلىق كۆمۈر ئىسسىقلىق ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش كۈمۈش مۇكاپاتىغا ئىرىشتى؛ شىركەت كۆتىرە ئالغان شىنجاڭ نېفىتلىكى مايتاغ نېفىتلىكىنىڭ 10 مىليون توننىلىق نېفىت ئايرىش، 1 مىليون تىننىلىق ئېتىل ئايرىش ئېنېرگىيە ئىستانىسسىنىڭ تۈر قۇرۇلۇشى نېفىت، تەبىئى گاز قۇرۇلۇش سۈپەت مۇكاپاتىنى باھالاش كوممىتىتى، جۇڭگو نېفىتلىك قۇرۇلۇشى جەمئىيتى تەرىپىدىن ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئىرىشتى.  
   ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇش ساھەسىدە، نەچچە ئون يىللىق تىرانسىفورماتور ئىستانىسسى قۇرۇش تارىخىغا ئىگە شىنجاڭ ئېلېكتىر ئىنىرگىيە قۇرۇلۇش شىركىتى باشتىن-ئاخىر نەچچە ئون يۈرۈش ھەر خىل دەرىجىدىكى تىرانسىفورماتور ئىستانىسسى ۋە 750 كىلوۋولت دەرىجىلىك قۇرۇلۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭ كىلومېتىرغا يىتىدىغان ئېلېكتىر نۇر كابىلىنى ئورنىتىش ۋەزىپىسىنى كۆتىرە ئىلىپ، «دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى بويىچە ئۆلچەمگە توشقان، ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش»، «شىنجاڭ تىرانسىفورماتور ئىستانىسسىنىڭ قۇرۇلۇشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدىكى نۇسقا قۇرۇلۇش»، «قۇرۇلۇش قەرەلىنى باشقۇرۇشتىكى سىناق نۇقتا قۇرۇلۇش» قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك شان-شەرەپلەرگە ئىرىشتى؛ شىركەت كۆتىرە ئالغان تاجىكىستان ئېلېكتىر تورى 220 كىلوۋولت-500 كىلوۋولتلىق يۇقىرى بىسىملىق تىرانسىفورماتور ئىستانىسسىنىڭ بارلىق قۇرۇلۇشى «تاجىكىستان 220 كىلوۋولتلىق تىرانسىفورماتور قۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ ياخشى قۇرۇلۇش قىلغان ئورۇن» دىگەن شەرەپكە نائىل بولۇپ، تاجىكىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ زۇڭتۇڭى راھاموننىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئىرىشىپ، «ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تېخنىكا سەۋىيسى ئەڭ يۇقىرى تىرانسىفورماتور ئىستانىسسى قۇرۇلۇشى، جۇڭگو-تاجىكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئۆز-ئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدىكى مۇۋاپىقىيەتلىك نەمۇنە» دەپ تەرىپلەندى.  
   شامال ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى ساھەسىدە، 2007-يىلى شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ شىنجاڭ ئېلېكتىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش، قۇراشتۇرۇش بازىرىدىكى ھەسسىسى %95 گە يىتىپ، مەملىكەتلىك شامال ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ قۇراشتۇرۇش ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سەردار ھەمدە شامال ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىدىكى كۈچلۈك شىركەتكە ئايلىنىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى شامال ئېلېكتىرىنى قۇراشتۇرۇشتىكى ئۆلچەمگە يەتكەن كارخانا بولۇپ قالدى. شىركەت شاڭخەي، خېبېي، نېڭبو، گەنسۇ، لياۋنىڭ، ئىچكى مۇڭغۇل، شىنجاڭ قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئۆلكە، ئاپتۇنۇم رايونلاردىكى قۇرۇلۇشلارنى تاماملىدى، ئىچكى مۇڭغۇل، شەندۇڭ، نېڭشىيا، گەنسۇ، خېبېي، ئۆزبىكىستان قاتارلىق جايلاردىمۇ شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى شامال ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى خادىملىرى كۆتىرە ئالغان ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇشلىرى قەد كۆتەردى. 2008-يىلدىن 2013-يىلى ئالدىنقى يىرىم يىلغىچە 3210 دانىدىن ئارتۇق شامال گىنراتورىنى قۇراشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى، ئۇمۇمىي قۇراشتۇرۇلغان گىنراتور سىغىمى 4200 مېگاۋاتتىن ئاشىدۇ. 2009-يىلى 3-ئايدا دېڭىزدىن ئەڭ يىراق بولغان شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتى شاڭخەي دۇنيا سودا يەرمەنكىسىنىڭ پۈتۈن قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى قىرغاقتىن چەتنىگەن ھالەتتىكى دېڭىز ئۈستى شامال گىنراتورىنى ئاسما شەكىلدە قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇشى بولغان شاڭخەي دۇڭخەي چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ 100 مېگاۋاتلىق دېڭىز ئۈستى شامال ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ ئۆلگە كۆرسىتىش تۈرىنى كۆتىرە ئىلىپ، يوللىغان «دېڭىزغا يىقىن شامال ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ 3000kW لىق شامال ئېلېكتىر پورتىنى قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇش قائىدىسى» جۇڭگو ئېلېكتىر قۇرۇلۇش قائىدىسى (ئۆلكە دەرىجىلىك) ۋە دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك قۇرۇلۇش قائىدىسى بولۇپ باھالاندى.  
   شىركەت كۆتىرە ئالغان جۇڭگۇاڭ، جاڭبىي قاتارلىق شامال ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى، گەنسۇ گۇاجۇدىكى 300 مېگاۋاتلىق چوڭ تىپلىق مۇستەقىل ئۆلگە كۆرسىتىش شامال ئېلېكتىر ئىستانىسسى تۈرى (133 دانە شامال ئېلېكتىر گىنراتورىنى قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇشى)، خۇانىڭ گورۇھى شىنجاڭ سەنتاڭخۇ كۆلى شامال ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ 1-، 2-قارارلىق (2×49.5MW) قۇرۇلۇشى (شامال ئېلېكتىر گىنراتورىنى مۇنار شەكىلدە ئىسىپ قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇشى)، لۇڭيۈەن گورۇھى شىنجاڭ ئالاتاۋ ئېغىزى شامال ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ 2-قارارلىق ھەمدە بىسىمنى يۇقىرىلىتىش ئىستانىسسىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرى (شامال ئېلېكتىر گىنراتورىنى ئاسما شەكىلدە قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇشى) قاتارلىق شامال ئېلېكتىر قۇرۇلۇشلىرى «جۇڭگو ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى بويىچە ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش مۇكاپاتى» غا ئىرىشتى. يېڭى ئېنېرگىيەنى تەرەققى قىلدۇرۇش بويىچە بارىكۆل سەنتاڭخۇ كۆلى 1-قارارلىق 49.5 مېگاۋاتلىق شامال ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىغا خىرىدار چاقىرىشتا بۇ تۈرنى قولغا كەلتۈردى؛ تۇنجى قىتىم چەتئەلگە يۈرۈش قىلىپ، ئۆزبىكىستاننىڭ 750 كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر گىنراتورىنى قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا خىرىدار بولۇپ، بۇ تۈرنى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا قولغا كەلتۈردى.  
   شىركەت ھەر تۈرلۈك باشقۇرۇشنى تىخىمۇ كۈچەيتىپ، «ھەر قانداق جاپا- مۇشەقەتكە چىداپ، ئاخىرىغىچە كۆرەش قىلىش» تەك ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىسىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، «دۆلەت قانۇنىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىزچىل ياخشىلاپ، قۇرۇلۇش خىيىم-خەتىرىنى كونتىرۇل قىلىپ، تىرىشىپ ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش يارىتىپ، ئېنېرگىيە تىجەپ، خوراشنى ئازايتىپ، مۇھىت قوغداپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا خىرىدارلارنى رازى قىلىشنى قوغلىشىشتەك» تەك باشقۇرۇش فاڭجىنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىرىدارلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شىنجاڭدا پۇت تىرەپ تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلىنىپ، خەلقئارالىق بازارنى ئاچقۇسى. شىركەت مول قۇرۇلۇش قىلىش تەجىرىبىسى، ئىلغار تېخنىكىلىق ئەسلىھەلەر، ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش ۋە مۇلازىمەت ئۆلچىمى، مۇۋاپىق قۇرۇلۇش باھاسى، پەۋقۇلاددە باشقۇرۇش ۋاستىسى بىلەن، خىرىدارلار بىلەن كۆپ خىل شەكىلدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ ۋە ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋانلىشىغا تىخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشىدۇ.  

 

 
شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى
ئوت ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى
مېتال تەجىرىبە تەتقىقات ئورنى
قۇرۇلۇش-ئېمارەتلەر
شامال ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى
ئوت ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى
چەتئەل قۇرۇلۇشلىرى
تەڭشەش، سىناش ئورنى
تەربىيلەش مەركىزى
ماشىنىلاشتۇرۇش شىركىتى
رىمۇنىت قىلىش، توشۇش شىركىتى
 
 

 

      技术支持:迪飞特科技