شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى تېخنىكا ئەسلىھەلىرى شىركەت سالاھىيتى
مېتال تەجىرىبە تەتقىقات ئورنى

 

 

 مېتال تەجىرىبە تەتقىقات ئورنى

   شىنجاڭ ئېلېكتىر مېتال تەجىرىبە تەتقىقات ئورنى (چەكلىك شىركىتى) بۇرۇنقى شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ مېتال تەجىرىبىخانىسى بولۇپ، 1986-يىلى قۇرۇلغان، 2004-يىلى رويىخەتكە ئالدۇرۇپ شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى مېتال تەجىرىبە تەتقىقات ئورنى (چەكلىك شىركىتى) بولۇپ قۇرۇلغان، 2009-يىلى 10-ئايدا سودا-سانائەت ئورنىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق نامىنى شىنجاڭ ئېلېكتىر مېتال تەجىرىبە تەتقىقات ئورنى (چەكلىك شىركىتى) قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.    
   شىنجاڭ ئېلېكتىر مېتال تەجىرىبە تەتقىقات ئورنى شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ پۈتۈن مەبلەغلىك تارماق شىركىتى بولۇپ، كەسپى جەھەتتىن ئېلېكتىر ئىستانىسسى قۇرۇلۇشى ۋە رىمۇنىت قىلىش مەزگىلىدىكى مېتال تېخنىكىسىنى نازارەت قىلىدىغان ۋە مېتال تەكشۈرىدىغان كەسپى ئورۇندۇر. بۇ ئورۇن ئېلېكتىر ئىستانىسسى قۇرۇلۇشى ۋە تەكشۈرۈپ رىمۇنىت قىلىش جەريانىدىكى مېتاللارنى تەكشۈرۈشتە مول تەجىرىبىگە ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك خىزمەت تەجىرىبىسىگە ئىگە بولۇپ، ئاساسلىقى بەش چوڭ دائىملىق زەخىم تەكشۈرۈش تۈرى (نۇردا تەكشۈرۈش، ئۇلتۇرا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش، ماگىنىت پاراشوگىدا تەكشۈرۈش، ئۆتكۈزۈپ تەكشۈرۈش ۋە ئىقىتىپ تەكشۈرۈش) ھەمدە مېتال ماتىرىيالىنىڭ مىخانىكىلىق ئىقتىدارى، مېتاللارنىڭ مىكرو توقۇلمىلىرىنى ئانالىز قىلىش، مېتال ماتىرىياللىرىنىڭ سۈپىتىنى نۇر ئوپتىكىدا ئانالىز قىلىش قاتارلىق تۈرلەرنى تەكشۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ سۈپەت، مۇھىت، كەسپى ساغلاملىق بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرگەن بولۇپ، مۇناسىپ تەكشۈرۈش سالاھىيتىگە ئىرىشكەن. بۇ ئورۇن سىرىتقا قارىتا ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىنى ھەمدە باشقا كەسىپلەردىكى مېتالچىلىق تېخنىكىسىنى نازارەت قىلىش ۋە مېتاللارنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، بۇ ئورۇن شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش سۈپىتىنى نازارەت قىلىش مەركىزى تەرىپىدىن تەكشۈرۈش بەلگىلەنگەن ئورۇن قىلىپ بىكىتىلگەن.    
   شىنجاڭ ئېلېكتىر مېتال تەجىرىبە تەتقىقات ئورنى TSG Z7003 ئالاھىدە ئەسلىھەلەرنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ سۈپىتىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى، GB/T19001 سۈپەت باشقۇرۇش سىستېمىسى، GB/T24001 مۇھىت باشقۇرۇش سىستېمىسى، GB/T28001 كەسپى ساغلاملىق بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن باشقۇرۇش قوللانمىسى تۈزۈپ چىققان ھەمدە مۇشۇ قوللانمىغا ئاساسەن ھەر تۈرلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. شىركەت ئىزچىل تۈردە «ئادىل بولۇش، قىلىپلىق بولۇش، توغرا بولۇش، مۇلازىمەت قىلىش» تەك سۈپەت فاڭجىنى بىلەن، ھەر تۈرلۈك مېتال تەكشۈرۈش خىزمىتىدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ئىلمىلىقى، ئادىللىقى ۋە توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ ھەمدە ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ كەلدى. 20 نەچچە يىلدىن بىرى توختىماي تەرەققى قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭ ئېلېكتىر مېتال تەجىرىبە تەتقىقات ئورنى تۆۋەندىكىدەك سالاھىيەتلەرگە ئىرىشتى:   
   1. دۆلەتلىك سۈپەتنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، كارانتىن باش ئىدارىسى تارقاتقان:    ئالاھىدە ئەسلىھەلەرنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ سالاھىيتىنى دەلىللەش كىنىشكىسى (زەخىمسىز تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ B دەرىجىلىك سالاھىيەت)    كىنىشكا رەت نومۇرى: TS7310139-2013    رۇخسەت قىلىنغان زەخىمسىز تەكشۈرۈش تۈرى: نۇردا تەكشۈرۈش RT، ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش UT، سىڭدۈرۈپ تەكشۈرۈش PT، ماگىنىت پاراشوگىدا تەكشۈرۈش MT.   
   2. ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى نازارەت قىلىش باش ئىدارىسى تارقاتقان:    ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى بويىچە 1-دەرىجىلىك مېتال تەجىربىخانىسى    رەت نومۇرى: (2012) ئې م ت (ئومۇمى) (40) –نومۇر.    3. ئۆلچەشنى دەلىللەش كىنىشكىسى    كىنىشكە رەت نومۇرى: 2012310004A    4. يوللاردا خەتەرلىك بويۇملارنى توشۇش ئىجازەتنامىسى (رادىئاكسىيە خاراكتىرلىق)    ش ق ت ب ئى ئۈ 650102004106-نومۇرلۇق
   2012-يىلى جۇڭگو ئېلېكتىر قۇرۇلۇش كارخانىلار جەمئىيتى تەشكىللىگەن مەملىكەتلىك ئېلېكتىر قۇرۇلۇش پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى ۋە QC نەتىجىلىرىنى باھالاشتا، شىنجاڭ ئېلېكتىر مېتال تەجىرىبە تەتقىقات ئورنى جۇڭگو ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى پەن-تېخنىكا نەتىجىسى بويىچە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ۋە QC نەتىجىسى بويىچە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشتى، بۇ مېتال تەكشۈرۈش ساھەسىدە بىردىنبىر مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ئورۇن ھېسابلىنىدۇ.   
   بىز داۋاملىق تۈردە تەتقىقات ئورنىنىڭ سۈپەت تۈزۈلمىسىنى ئاساس قىلىپ، ھەر تۈرلۈك سۈپەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر تۈرلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ قىلىپلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىنى قاتتىق، ئۈنۈملۈك كونتىرۇل قىلىپ، سۈپەت سىستېمىسىنى ئىزچىل، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇپ، تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ئىشەنچىلىك بولىشىغا ھەمدە چىقىرىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ توغرا، خاتاسىز بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كەڭ خىرىدارلارنى ئەلا بولغان تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

 

 

 

 
شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى
ئوت ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى
مېتال تەجىرىبە تەتقىقات ئورنى
قۇرۇلۇش-ئېمارەتلەر
شامال ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى
ئوت ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى
چەتئەل قۇرۇلۇشلىرى
تەڭشەش، سىناش ئورنى
تەربىيلەش مەركىزى
ماشىنىلاشتۇرۇش شىركىتى
رىمۇنىت قىلىش، توشۇش شىركىتى

 

      技术支持:迪飞特科技