شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى تېخنىكا ئەسلىھەلىرى شىركەت سالاھىيتى
قۇرۇلۇش-ئېمارەتلەر

 

قۇرۇلۇش-ئېمارەتلەر

   شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتى تۇرالغۇ ئۆي ئېمارەت قۇرۇلۇشىنى پۈتۈنلەي كۆتىرە ئىلىش 2-دەرىجىلىك سالاھىيەتكە ئىگە. شىركەت ھەر خىل تىپتىكى ئوت ئېلېكتىر ئىستانىسسى، توپا قۇرۇلمىلىق قۇرۇلۇش، قوشۇمچە ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى ئۈستىگە ئالغاندىن باشقا يەنە ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ، «10-بەش يىللىق»، «11-بەش يىللىق» پىلاندىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلار، ئېلېكتىر ئىستانىسسى، تىرانسىفورماتور ئىستانىسسى، بىر تۇتاش ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش، ئولتۇراق تۇرالغۇ ئۆي رايونى ھەمدە باشقا ئېمارەت قۇرۇلۇشلارنى كۆتىرە ئىلىپ، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشتى. 2004-يىلى تۇرالغۇ ئۆي ئېمارەت قۇرۇلۇشىنى پۈتۈنلەي كۆتىرە ئىلىش بويىچە 2-دەرىجىلىك سالاھىيەتكە ئىرىشىپ، 28 قەۋەتتىن تۆۋەن، باستۇرۇقى 36 مېتىر، ئېگىزلىكى 120 مېتىردىن تۆۋەن، قۇرۇلۇش كۆلىمى 120 مىڭ كىۋادرات مېتىر كىلىدىغان قۇرۇلۇشلارنى كۆتىرە قىلىپ قىلىدىغان بولدى.
   شىركەت يىقىنقى يىللاردىن بىرى كۆتىرە ئالغان قۇرۇلۇش ئومۇمى كۆلىمى 400 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە سانائەت قۇرۇلۇشلىرىدىن خۇادىيەن ئېلېكتىر گورۇھىنىڭ خۇڭيەنچى 2- ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ 1-قارارلىق 3-، 4-نومۇرلۇق 2×200MW لىق گىنراتورلار گورۇپپىسى قۇرۇلۇشى؛ دۆلەتلىك سىلىنما گورۇھى غۇلجا 2×300MW لىق گىنراتورلار گورۇپپىسى قۇرۇلۇشى؛ سانجى ئىسسىقلىق، ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ 2×330MW لىق گىنراتورلار گورۇپپىسى قۇرۇلۇشى؛ خۇادىيەن گورۇھىنىڭ ئۈرۈمچى ئىسسىقلىق، ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ 2×330MW لىق گىنراتورلار گورۇپپىسى قۇرۇلۇشى؛ خۇانېڭ گورۇھىنىڭ فۇكاڭ 2×135MW لىق ئىسسىقلىق، ئېلېكتىر بىرلەشمە قۇرۇلۇشى؛ قۇمۇل 2-ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ 3-قارارلىق 2×125MW لىق قۇرۇلۇشىنى پۈتۈنلەي كۆتىرە ئىلىپ ئىشلىدى؛ قەشقەر ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ 2×50MW لىق 1-قارارلىق ئاساسى زاۋۇت ئۆيلىرى قۇرۇلۇشى؛ چۆچەك ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ 2-قارارلىق كىڭەيتىپ ياساش قۇرۇلۇشى، خېنەن ميەنچى ئۆز ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ لىق ئاساسى زاۋۇت ئۆيلىرى قۇرۇلۇشى، داتاڭ توقسۇن 1×60MW لىق شامال ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ ئاساسى قۇرۇلۇشى؛       
     دۆلەتلىك ئېلېكتىر گورۇھى نېڭشىيا چىڭتۇڭ جىلغىسى نىيۇشو تېغى 49.5MW لىق شامال ئېلېتىر ئىستانىسسىنىڭ ئاساسى قۇرۇلۇشى؛ دۆلەتلىك ئېلېكتىر گورۇھى نېڭشىيا يەنچېدىكى 2×49.5MW لىق شامال ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ ئاساسى قۇرۇلۇشى، تاجىكىستان خۇجەند 500KV لىق تىرانسىفورماتور ئىستانىسسى قۇرۇلۇشى، قەشقەر- يەكەن لىنىيسىگە 220 كىلوۋولىتلۇق سىم تارتىش قۇرۇلۇشى، لاۋمەن شەھىرىنىڭ 220 كىلوۋولىتلىق تىرانسىفورماتور قۇرۇلۇشى؛ كورلا 220 كىلوۋولىتلق تىرانسىفورماتور قۇرۇلۇشى؛ ئۈرۈمچى-ماناس-كۈيتۈن مىكرو دولقۇنلۇق خەۋەرلىشىش قۇرۇلۇشى؛ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش پونكىتىنى كىڭەيتىپ ياساش قۇرۇلۇشى؛ ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقىرى يېڭى تېخنىكا ئىچىش رايونى بىر تۇتاش ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش پونكىتىنىڭ ئېگىزلىكى 100 مېتىر كىلىدىغان پولات بىتونلۇق تۇرخۇن قاتارلىقلارنى كۆتىرە ئىلىپ ئىشلىدى.      
     خەلق قۇرۇلۇشلىرىدىن ئۈرۈمچى شەھىرى دوسلۇق يولى ئولتۇراق بىنا رايونى (55 مىڭ كىۋادىرات مېتىردىن ئارتۇق)، دوسلۇق 6-قورۇ (110 مىڭ كىۋادىرات مېتىردىن ئارتۇق)، ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى 95-قورۇدىكى ئولتۇراق بىنا رايونى 47 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق، ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى 87-نومۇرلۇق قورۇدىكى ئولتۇراق بىنا رايونى (32 مىڭ 800 كىۋادرات مېتىر)، ئېلېكتىر ماددى-ئەشيا ئىدارىسىنىڭ سودا خاراكتىردىكى تۇرالغۇ ئۆي بىناسى، يېما شىركىتىنىڭ ئۈنۋىرىسال خىزمەت بىناسى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنى كۆتىرە ئىلىپ ئىشلىگەن. يۇقارقى قۇرۇلۇشنىڭ سۈپىتى، بىخەتەرلىكى بىردەك قۇرۇلۇش قىلغان ئورۇننىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن ھەمدە نۇرغۇن قۇرۇلۇش ئۈرۈمچى شەھەرلىك سۈپەت نازارەت پونكىتى ھەمدە شىنجاڭ ئېلېكتىر شىركىتى سۈپەت نازارەت مەركىزى پونكىتى تەرىپىدىن ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش قىلىپ باھالانغان.       

 

 
 
شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى
ئوت ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى
مېتال تەجىرىبە تەتقىقات ئورنى
قۇرۇلۇش-ئېمارەتلەر
شامال ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى
ئوت ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى
چەتئەل قۇرۇلۇشلىرى
تەڭشەش، سىناش ئورنى
تەربىيلەش مەركىزى
ماشىنىلاشتۇرۇش شىركىتى
رىمۇنىت قىلىش، توشۇش شىركىتى

 

      技术支持:迪飞特科技