شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى تېخنىكا ئەسلىھەلىرى شىركەت سالاھىيتى
شامال ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى

 

 

شامال ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى     

 2005-يىلى شىنجاڭ شامال ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىنىڭ يىلسىرى كۆلەملىشىپ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، بىر تۈركۈم نۇقتتىلىق شامال ئېلېكتىر قۇرۇلۇش تۈرى دۆلەتنىڭ سىياسەت جەھەتتىن زور كۈچ بىلەن يىتەكلىشى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى. شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتى شامال ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتى بۇ ئەڭ ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، پائال تۈردە شامال ئېلېكتىر قۇرۇلۇش بازىرىنى ئىگىلەپ، ھەمدە ئەۋزەل بايلىق مەنبەسىنى بىر يەرگە توپلاپ، چوڭ تىپتىكى ئاسما شەكىلدە قاچىلاش ماشىنا ئەسلىھەلىرى، كەسپى خادىملارنى سەپلەش، ئەلا باشقۇرۇش ۋە تېخنىك خادىملارنى تەربىيلەش، مەبلەغ سىلىش قاتارلىقلارنى ئالدىن تاللىنىدىغان تۈر ۋە نۇقتىلىق قوللاش قىلدى.   
   شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتتى شامال ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتى داتاڭ، دۆلەتلىك ئېلېكتىر گورۇھى، لۇڭيۈەن، خۇانىڭ، خۇادىيەن، جىنفىڭ پەن-تېخنىكا شىركىتى قاتارلىق گورۇھ ۋە شىركەتلەرنى مەبلەغ سىلىش ئاساسى گەۋدىسى قىلىغان ھالدا، شامال ئېلېكتىر قۇرۇلۇش تۈرىدە باش كۆتۈرۈپ چىقتى. ئىشەنچىلىك بىخەتەرلىك كاپالىتى، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قۇرۇلۇش مۇلازىمەت سۈپىتى بىلەن قۇرۇلۇش قىلغان ئورۇننىڭ تولۇق ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشىپ، نۇرغۇن قۇراشتۇرۇش، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلاردىن ئىچىدە ئالاھىدە گەۋدىلىك ئورۇنغا ئۆتتى. ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ شىنجاڭ، گەنسۇ، ئىچكى مۇڭغۇل، خېبېي، شاڭخەي قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇنلىغان شامال ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ قۇرۇلۇشلىرىغا قاتناشتى ۋە تاماملىدى؛ خۇادىيەن گورۇھىنىڭ شىياۋساۋخۇ كۆلى ئېلېكتىر ئىستانىسسى، خۇانىڭ گورۇھىنىڭ سەنتاڭخۇ كۆلى، بەيياڭخې دەرياسى ئېلېكتىر ئىستانىسسى، دۆلەتلىك ئېلېكتىر گورۇھىنىڭ ئالاتاۋ ئېغىزى، داتاڭ گورۇھىنىڭ توقسۇن ئېلېكتىر ئىستانىسسى، لۇنىڭ گورۇھىنىڭ داۋانچىڭ ئېلېكتىر ئىستانىسسىنى، لۇڭيۈەن گورۇھىنىڭ داۋانچىڭ ئېلېكتىر ئىستانىسسى، دۆلەتلىك ئېلېكتىر گورۇھىنىڭ مايتاغ 1-، 2-قارارلىق قۇرۇلۇشى، دۆلەتلىك ئېنېرگىيە تيەنلى يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىيات گورۇھىنىڭ بارىكۆل سەنتاڭخۇ كۆلى ئېلېكتىر ئىستانىسسى قاتارلىق شامال ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ بىسىم ئاشۇرۇش پونكىتى، شامال ئېلېكتىر گىنراتورى ئاساسى قۇرۇلۇشلىرىنى تاماملىدى. شىركەت 750 كىلوۋاتتىن 3 مېگاۋاتقىچە بولغان ھەر خىل تىپتىكى شامال گىنراتورلىرىنى قۇراشتۇرۇش، شامال گىنراتورى ۋە كۆيۈكنى ئۆزگەرتىش ئاساسى قۇرۇلۇشى، بىسىم ئاشۇرۇش پونكىتىنىڭ قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى قۇراشتۇرۇش، ئېلېكتىر ئىستانىسسىدىكى توپلاشقان توك لىنيلىرىنى قۇراشتۇرۇش قاتارلىق تەجىربىگە ئىگە، شۇنداقلا شامال ئېلېكتىر ئىستانسسىنى ماڭغۇزۇش، رىمۇنىت قىلىش ئىقتىدارىنىمۇ ھازىرلىغان.    
   شىركەت شىنجاڭ جىنفىڭ بىرىنچى ئىستانىسسىنىڭ 1500 كىلوۋاتلىق دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان گىنراتورلار گورۇپپىسىنى سىناق قىلىش قۇرۇلۇشىغا قاتناشقاندىن تارتىپ، شاڭخەي سودا يەرمەنكىسىنىڭ يارقىن قۇرۇلۇشى بولغان دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى قىرغاقتىن چەتنىگەن دېڭىز ئۈستى شامال ئېلېكتىر ئىستانىسسى، شاڭخەي شەرقى دېڭىز كۆۋرۈكىدىكى 3000 كىلوۋاتلىق يەككە گىنراتور، ئومۇمى سىغىمى 100 مېگاۋولتلۇق شامال ئېلېكتىر ئىستانىسسىنى قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، ناھايىتى زور تەرەققىياتلارغا ئىرىشتى، پىشىپ يىتىلگەن شىركەتتىن ئەلالىققا، ئۆزگىچىلىككە قاراپ يول ئالدى. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا پۈتۈن چىقىشى جۇڭگونىڭ دېڭىز ئۈستىدىكى شامال ئېلېكتىر ئىستانىسسى بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇردى؛ قۇرۇلۇش قىلىش، قۇراشتۇرۇش ئەمەلىي كۈچىنىڭ پەيدىنپەي كۈچىيىشى، تېخنىكا سەۋىيەسىنىڭ پەيدىنپەي پىشىپ يىتىلىشى، باشقۇرۇشنىڭ پەيدىنپەي مۇقىملىششىغا ئەگىشىپ، 2012-يىلى 3-ئايدا دۆلەتلىك ئېنېرگىيە تيەنلى يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىيات گورۇھىنىڭ بارىكۆل سەنتاڭخۇ كۆلى 1-قارارلىق قۇرۇلۇشىنى پۈتۈنلەي كۆتىرە ئىلىپ پۈتتۈرۈش سالاھىيتىگە ئىرىشتى. 2013-يىلدىكى خىرىدار چاقىرىشتا ئۈزلۈكسىز ھالدا تيەنرۈن فۇۋېن ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ ئومۇمى قۇرۇلۇشىنى، يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىيات گورۇھىنىڭ سەنتاڭخۇ كۆلى 2- قارارلىق ئومۇمى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا قولغا كەلتۈردى.     
   يىقىنقى يىللاردىن بىرى شامال ئېلېكتىر شىركىتى قۇراشتۇرغان ھەر خىل تىپتىكى شامال كۈچى گىنراتورلار گورۇپپىسى 3000 دانىدىن ئاشىدۇ، ئۇمۇمىي قۇراشتۇرۇلغان گىنراتور سىغىمى 4 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشىدۇ. 2009-يىلى شىركەت تۈزگەن «شامال ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ شامالدۇرغۇچ چاقپىلەك گورۇپپىسىنى قۇراشتۇرۇش ۋە ئاسما شەكىلدە قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇش قائىدىسى» دۆلەتلىك ئېلېكتىر قۇرۇلۇش قائىدىسىگە كىرگۈزۈلدى. 2011-يىلى شىركەت تۈزگەن «دېڭىزغا يىقىن شامال ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ 3000kW لىق شامال ئېلېكتىر پورتىنى قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇش قائىدىسى» دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك قۇرۇلۇش قائىدىسى بولۇپ باھالاندى. 2012-يىلى 8-ئايدا شىركەت كۆتىرە ئالغان گەنسۇ گۇاجۇدىكى 300 مېگاۋاتلىق چوڭ تىپلىق مۇستەقىل ئۆلگە كۆرسىتىش شامال ئېلېكتىر ئىستانىسسى تۈرى، خۇانىڭ گورۇھى شىنجاڭ سەنتاڭخۇ كۆلى شامال ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ 1-، 2-قارارلىق شامال ئېلېكتىر گىنراتورىنى مۇنار شەكىلدە ئىسىپ قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، لۇڭيۈەن گورۇھى شىنجاڭ ئالاتاۋ ئېغىزى شامال ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ 2-قارارلىق ھەمدە بىسىمنى يۇقىرىلىتىش ئىستانىسسىنىڭ شامال ئېلېكتىر گىنراتورىنى ئاسما شەكىلدە قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئۈچ تۈر ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا 2012-يىللىق جۇڭگو ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى بويىچە ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشتى. ھەر بىر يېڭى ئۆلچەم ۋە قۇرۇلۇش لايىھەسىگە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يۈرەك-قىنى سىڭگەن بولۇپ، كارخانا باشقۇرغۇچىنىڭ يول ئىچىپ ئالغا ئىلگىرلەش، مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كەسپى ئاۋانگارتلاردىن بولۇشتەك ئالىجاناپ خىسلىتى تولۇق نامايەن قىلىنغان.     
   شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتى شامال ئېلېكتىر شىركىتى «ئالغا ئىلگىرلەش، خۇشاللىق بىلەن ئىشلەش، كەڭ قورساق بولۇش» تەك كارخانا ئىددىيسى بىلەن، ئىلغار تېخنىكا ئەسلىھەلىرى، مول قۇرۇلۇش قىلىش تەجىربىسى، ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن قاتناشقان قۇرۇلۇش تۈرىدە كۆپ قىتىم شان-شەرەپكە ئىرىشتى. بۇ شىركەت ئىقتىدارلىق، ئىشەنچىلىك كوللىكتىپتىن تەركىپ تاپقان. ماشىنىلاشتۇرۇش شىركىتى يۈكسەك ئىجتىمائى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئەسلىھە، يۇقىرى ساپالىق قۇرۇلۇش ئەترىتى بىلەن، خىرىدارلارنى ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.    

 

 
 
شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى
ئوت ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى
مېتال تەجىرىبە تەتقىقات ئورنى
قۇرۇلۇش-ئېمارەتلەر
شامال ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى
ئوت ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى
چەتئەل قۇرۇلۇشلىرى
تەڭشەش، سىناش ئورنى
تەربىيلەش مەركىزى
ماشىنىلاشتۇرۇش شىركىتى
رىمۇنىت قىلىش، توشۇش شىركىتى

 

      技术支持:迪飞特科技