شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى تېخنىكا ئەسلىھەلىرى شىركەت سالاھىيتى
ئوت ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى

 

 ئوت ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى

     شىركەت دۆلەتنىڭ قانۇن، قائىدىلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، توختامغا ئەمەل قىلىشنى تىجارەت باشقۇرۇش پىرىنسىپى، ئىزچىل تۈردەك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش، ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش قىلىش، خىرىدارلارنى رازى قىلىشنى باشقۇرۇش ئەھدىنامىسى قىلىپ كەلدى. شىركەت پەن-تېخنىكىدا ئالغا ئىلگىرلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، لايىھە خەرىتىسى بويىچە قۇرۇلۇش قىلىشقا قاتتىق چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ھۈنەر، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئەسلىھە، يېڭى ماتىرىياللارنى مۇۋاپىق ئىشلىتىپ، ھۈنەر- تېخنىلوگىيىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەستايىدىللىق بىلەن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.    
   شىركەت كۆتىرە ئالغان گەنسۇ جاڭيې ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ 1-قارارلىق 2×300MW كۆمۈر يىقىلغۇ قىلىنىدىغان گىنراتورلار گورۇپپىسى قۇرۇلۇشى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، جۇڭگو قۇرۇلۇش كەسپى جەمئىيتى تەرىپىدىن «جۇڭگو ئېمارەتلەر قۇرۇلۇشى لۇبەن مۇكاپاتى»، گەنسۇ ئۆلىكىلىك قۇرۇلۇش بىرلەشمىسى تەرىپىدىن پەرۋاز ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئىرىشتى.    
   شىركەت كۆتىرە ئالغان شىنجاڭ نېفىتلىكى مايتاغ نېفىتلىكىنىڭ 10 مىليون توننىلىق نېفىت ئايرىش، 1 مىليون تىننىلىق ئېتىل ئايرىش ئېنېرگىيە ئىستانىسسىنىڭ 5×410t/h لىق ئاقما شەكىلدىكى پار قازان بىلەن 3×100MW لىق گىنراتورلار گورۇپپىسى تۈر قۇرۇلۇشى 2013-يىلى نېفىت، تەبىئى گاز قۇرۇلۇش سۈپەت مۇكاپاتىنى باھالاش كوممىتىتى، جۇڭگو نېفىتلىك قۇرۇلۇشى جەمئىيتى تەرىپىدىن ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئىرىشتى. ئاپتۇنۇم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، مايتاغ نېفىت-خىمىيە شىركىتى، مايتاغ نېفىت-خىمىيە باش زاۋۇتى قاتارلىق ئۈچ ئورۇن بىرلىكتە قانات يايدۇرغان ئەمگەك مۇسابىقىسىدە «ئەنكاڭ لۇڭقىسى»، «سۈپەت لۇڭقىسى»، «سۈرئەت لۇڭقىسى» دىن ئىبارەت ئۈچ شان-شەرەپكە نائىل بولدى.   
   شىركەت ئۈستىگە ئالغان ماناس ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ 3-قارارلىق 2×300MW لىق كىڭەيتىش قۇرۇلۇشى 2009-يىللىق جۇڭگو ئېلېكتىر ساھەسىدىكى ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش مۇكاپاتىغا، 2009-يىللىق مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كەپشەرلىك قۇرۇلۇش بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشتى.    شىركەت ئۈستىگە ئالغان خۇادىيەن گورۇھىنىڭ ئۈرۈمچى ئىسسىقلىق، ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ 2×330MW لىق ئىسسىقلىق، ئېلېكتىر بىرلەشمە قۇرۇلۇشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق قۇرۇلۇش نازارىتى تەرىپىدىن 2008-يىللىق ئاپتۇنۇم رايون دەرىجىلىك قۇرۇلۇش بىخەتەرلىكى بويىچە مەدەنىيەتلىك قۇرۇلۇش نەق مەيدانى دىگەن نامغا ھەمدە جۇڭگو قۇرۇلۇش كەسپى جەمئىيتى تەرىپىدىن 2009-يىللىق AAA دەرىجىلىك بىخەتەرلىك، مەدەنىيەتنى ئۆلچەملەشتۈرۈشتە ئىشەنچىلىك قۇرۇلۇش قىلغان ئورۇن دىگەن نامغا، 2010-يىللىق جۇڭگو ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىدىكى ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشتى. 2-نومۇرلۇق گىنراتورلار گورۇپپىسى ئېلېكتىر كەسپى بويىچە 2010-يىللىق ئۆلچەمگە يەتكەن، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەن قۇرۇلۇش بولۇپ باھلاندى.    
   شىركەت كۆتىرە ئالغان جۇڭگو ئېلېكتىر گورۇھىنىڭ شىخۇ ئىسسىقلىق ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ 2×330MW قۇرۇلۇشى 2012- يىللىق جۇڭگو ئېلېكتىر ساھەسىدىكى ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشتى.    شىركەت كۆتىرە ئالغان شېنخۇا شېندۇڭ ئېلېكتىر ئىستانسسىنىڭ شىنجاڭ مىدۇڭ 2×330MW لىق تاشلىق كۆمۈر ئىسسىقلىق ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى، خۇادىيەن ئېلېكتىر گورۇھى شىنجاڭ ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتى سانجى ئىسسىقلىق ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ 2×330MW لىق قۇرۇلۇشى 2012- يىللىق جۇڭگو ئېلېكتىر ساھەسىدىكى ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش مۇكاپاتىغا، 2011- 2012-يىللىق دۆلەتنىڭ ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش كۈمۈش مۇكاپاتىغا ئىرىشتى.   
   2012-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتى جياڭسۇ جىڭجياڭ دۆلەتلىك خەۋەرلىشىش ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ 2×660MW لىق ئىسسىقلىق، ئېلېكتىر گىنراتورلار گورۇپپىسىنى قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ 1-نومۇرلۇق گىنراتور، 2-نومۇرلۇق پار قازان تۈرىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئۈستىگە ئالدى. 1-نومۇرلۇق پار تۇربىنلىق گىنراتورلار گورۇپپىسى 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچ سائەت 22:30 دە، مىنوتىغا 3000 قىتىم ئايلىنىشنى بىرلا قىتىمدا ئەمەلگە ئاشۇردى.   


  

 

 
 
شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى
ئوت ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى
مېتال تەجىرىبە تەتقىقات ئورنى
قۇرۇلۇش-ئېمارەتلەر
شامال ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى
ئوت ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى
چەتئەل قۇرۇلۇشلىرى
تەڭشەش، سىناش ئورنى
تەربىيلەش مەركىزى
ماشىنىلاشتۇرۇش شىركىتى
رىمۇنىت قىلىش، توشۇش شىركىتى

 

      技术支持:迪飞特科技