شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى تېخنىكا ئەسلىھەلىرى شىركەت سالاھىيتى
تەڭشەش، سىناش ئورنى

         تەڭشەش، سىناش ئورنى

    

   شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتى تەڭشەش، سىناش ئورنى 1986-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھەر خىل ماشىنا تىپى، پار قازان تىپىنى تەڭشەش، سىناشتا مول تەجىربىگە ئىگە، ئېلېكتىر سانائەت مىنىستىرلىقى (ھازىرقى دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى شىركىتى) نىڭ (ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىنى قوزغىتىش، تەڭشەش، سىناش سالاھىيەت دەرىجىسى) نى ئىتىراپ قىلىشتىن ئۆتكەن ئا دەرىجىلىك تەڭشەش، سىناش سالاھىيتىگە ئىگە ئورۇندۇر. 2010-يىلى بۇ ئورۇن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق ماشىنسازلىق قۇرۇلۇش ئىلمى جەمئىيتى ئالاھىدە ئەسلىھەلەر كەسپى كوممىتىتىنىڭ ئىتىراپ قىلىشىدىن ئۆتۈپ A دەرىجىلىك خىمىيىلىك تازىلاش سالاھىيتىگە ئىرىشتى.      
   تەڭشەش، سىناش ئورنى تېخنىكىدا پىشقان، ئەسلىھەلىرى ئىلغار، ئالغا ئىلگىرلەش روھىغا ئىگە كەسپى كوللىكتىپتىن تەركىب تاپقان. بۇ ئورۇنغا پار قازان، ھور ماشىنا، ئىسسىقلىق بىلەن كونتىرۇل قىلىش، ئېلېكتىر، خىمىيە قاتارلىق بەش كەسىپ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئوت ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ گىنراتورلار گورۇپىسىنى ئومۇمىيۈزلۈك قوزغۇتۇش، تەڭشەش، تىرانسىفورماتور ئىستانىسسىنى تەڭشەش ۋە يەككە تۈر، يەككە سىستېمىنى تەڭشەش، سىناش، ئاپتۇماتىك كونتىرۇل قىلىش سىستېمىسىنى تەڭشەش، بىسىم قاچىسىنى خىمىيىلىك تازىلاش، ئاپپارات، ئۈسكىنىلەرنى تەكشۈرۈپ بىكىتىش، ئېلېكتىر ئىستانىسسىنى يۈرۈشتۈرۈش داۋامىدىكى سىناش، ەڭشەش، كاشىلىلارنى ئانالىز قىلىش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىق مۇلازىمەتتىن مەسلىھەت بىرىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللەردىكى 50 دىن ئارتۇق ئېلېكتىر ئىستانىسسى، 100 دىن ئارتۇق گىنراتورلار گورۇپپىسىنى ئومۇمىيۈزلۈك قوزغۇتۇش، تەڭشەش ۋە سىناش خىزمىتىگە قاتناشقان. تەڭشەش، سىناش ئورنى ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ سىستېما ئىچىدە كۆپ قىتىم ئىلغار كوللىكتىپ دىگەن نامغا ئىرىشكەن، نۇرغۇن تېخنىكىلىق ئىلمى ماقالىلىرى دۆلەت، مىنىستىرلىق، ئۆلكە دەرىجىلىك كەسپى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان.    
   يىقىنقى ئۈچ يىلدا تەڭشەش، سىناش ئورنى ئۈستىگە ئالغان ئوت ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ 300 مېگاۋات ھەمدە ئۇنىڭدىن يۇقىرى گىنراتورلار گورۇپپىسىنى تەڭشەش قۇرۇلىشىدىن ئاساسلىقى: 2x330MW لىق جياڭسۇ شۈكۇاڭ گورۇھىنىڭ ئۈنۋىرىسال پايدىلىنىدىغان ئېلېكتىر ئىستانىسسى، 1x660MW لىق خۇانىڭ يۆياڭ ئېلېكتىر ئىستانىسسىنى كىڭەيتىش قۇرۇلىشىنىڭ 6-نومۇرلۇق گىنراتورلار گورۇپپىسى، 1x660MW لىق خۇانىڭ زوچۈەن ئېلېكتىر ئىستانىسسى، 2x660MW لىق سىچۈەن خۇانىڭ فۇشى ئېلېكتىر ئىستانىسسى، 2x660MW لىق خۇانىڭ شەنشى چىنلىڭ چوققىسى ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتىنى كىڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ گىنراتورلار گورۇپپىسىنى تەڭشەش تۈرى، 5x330MW لىق شەنشى رەڭلىك قارىياغاچ ماتىرىيالى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ 1-نومۇرلۇق گىنراتورلار گورۇپپىسىنى تەڭشەش تۈرى قاتارلىقلار بار. يۇقىرىدا تىلغا ئىلغان تۈرلەرنى پۈتۈنلەي تەڭشەش، سىناش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا تاماملىنىپ، يۈكلۈك ھالەتتە سىناق تەرىقىسىدە ماڭدۇرۇلۇپ، ئا تەرەپنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى؛   
   بۇ ئورۇن ئۈستىگە ئالغان ئوت ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ يەككە تۈر بويىچە تەڭشەش، سىناش تۈرىدىن: شىنجاڭ جيارۈن بايلىق مەنبەسى پاي كونتىرۇل قىلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئېنېرگىيە پونكىتىنىڭ (2×350MW) لىق قۇرۇلۇشى، ۋۇسەيۋەن ئۈمىد ئاليومىنچىلىقى، شۈكۇاڭ ئاقسۇ ئىسسىقلىق ئېلېكتىر ئىستانىسسى، سانجى ئىسسىقلىق، ئېلېكتىر ئىستانىسسىنى كىڭەيتىش قۇرۇلۇشى، خۇڭيەنچى ئېلېكتىر ئىستانىسسىنى كىڭەيتىش قۇرۇلۇشى، شېنخۇا مىدۇڭ ئېلېكتىر ئىستانىسىسى، خۇانىڭ فۇكاڭ ئېلېكتىر ئىستانىسسى، تۇمشۇق ئىسسىقلىق، ئېلېكتىر ئىستانىسسى، ئۈرۈمچى نېفىت-خىمىيە ئىسسىقلىق، ئېلېكتىر ئىستانىسسى قاتارلىقلار بار؛    
   بۇ ئورۇن يەنە دۆلەت ئىچىدە چەتئەللەردىكى 20 دىن ئارتۇق 500 كىلوۋات، 220 كىلوۋات، 110 كىلوۋاتلىق تىرانسىفورماتور ئىستانىسسى، بىسىم ئاشۇرۇش پونكىتىنى تەڭشەش، سىناش خىزمىتىنىمۇ ئۈستىگە ئالغان، ئاساسلىقى: خۇجەندتىكى 500 كىلوۋىلىتلىق تىرانسىفورماتور ئىستانىسسىغا سەپلىنىدىغان 220 كىلوۋولىتلۇق كابىل ئورنىتىش قۇرۇلۇشى، تۈركمەنىستان 220 كىلوۋولىتلۇق تىرانسىفورماتور ئىستانىسسى، قىرغىزىستان 500 كىلوۋوتلۇق ۋە 220 كىلوۋوتلۇق تىرانسىفورماتور ئىستانىسسى، چاڭنىڭ 220 كىلوۋولىتلۇق تىرانسىفورماتور ئىستانىسسى قۇرۇلۇشى، مايتاغ 220 كىلوۋوتلۇق تىرانسىفورماتور ئىستانىسسى، شىيايېدى 220 كىلوۋولىتلۇق تىرانسىفورماتور ئىستانىسسى قاتارلىقلار بار بولۇپ، ھەر بىر تۈردە بىرلا قىتىمدا توك چىقىرىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان (بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ ساندىكىلىرى بىرلا قىتىمدا ئۆلچەمگە يىتىش، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان)، ھەمدە تەڭشەش، سىناش خىزمىتىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا تاماملىغان؛   
   خىمىيىلىك تازىلاش جەھەتتە: تەڭشەش، سىناش ئورنى باشتىن-ئاخىر 20 دىن ئارتۇق ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ 50 دىن ئارتۇق پار قازاننى خىمىيىلىك تازىلاش خىزمىتىنى تاماملىغان، بۇنىڭ ئىچىدە: شىنجاڭ جيارۈن بايلىق مەنبەسى پاي كونتىرۇل قىلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئېنېرگىيە پونكىتىدىكى 1025 T/H 1-نومۇرلۇق پار قازان، ۋۇسەيۋەن ئۈمىد ئاليومىنچىلىق شىركىتىنىڭ 1025 T/H 1-نورمۇلۇق پار قازان، شۈكۇاڭ ئاقسۇ ئىسسىقلىق ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ 670 T/H لىق پار قازان، ماي تاغ تەرەققىيات ئېنېرگىيە پونكىتىنىڭ 5×440 t/h لىق پار قازان، تۇمشۇق ئىسسىقلىق، ئېنېرگىيە بىرلەشمە قۇرۇلۇشىدىكى 2×240 t/h لىق پار قازان، خۇانىڭ فۇكاڭ ئىسسىقلىق ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ 440T/H لىق پار قازان، شېنخۇا مىدۇڭ ئىسسىقلىق ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ 1069T/H لىق پار قازان، خۇڭيەنچى ئىسسىقلىق، ئېلېكتىر ئىستانىسسىنى كىڭەيتىش قۇرۇلۇشىدىكى 1165T/H لىك پار قازان، سانجى ئىسسىقلىق، ئېلېكتىر ئىستانىسسىنى كىڭەيتىش قۇرۇلۇشىدىكى 1080 T/H لىك پار قازان قاتارلىقلارنى خىمىيىلىك ئۇسۇلدا يۇيۇپ، بىردە ئەلا باھالانغان.   
   تەڭشەش، سىناش ئورنى «ئەستايىدىللىق بىلەن قۇرۇلۇشنى چىڭ تۇتۇش، ئىنچىلىك بىلەن ئىشلەپ، تېخنىكىنى چىڭ تۇتۇش، ئەلا بولۇشنى كۆزلەپ، سۈپەتنى چىڭ تۇتۇش» تەك باشقۇرۇش ئىددىيسى بىلەن، خىزمەتچىلەرنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتىرىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەخسۇس ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش قىلىش ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ، كەسپى تېخنىكىنى كۈچەيتىپ، كەسىپ ئاۋانگارتى بولۇشنى قوغلۇشۇپ، خىرىدارلارنى ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا پۇت تىرەپ تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، بازار رىقابىتىدە باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرلەيدۇ.         

 

 
شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى
ئوت ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى
مېتال تەجىرىبە تەتقىقات ئورنى
قۇرۇلۇش-ئېمارەتلەر
شامال ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى
ئوت ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى
چەتئەل قۇرۇلۇشلىرى
تەڭشەش، سىناش ئورنى
تەربىيلەش مەركىزى
ماشىنىلاشتۇرۇش شىركىتى
رىمۇنىت قىلىش، توشۇش شىركىتى

 

     技术支持:迪飞特科技