شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى تېخنىكا ئەسلىھەلىرى شىركەت سالاھىيتى
تەربىيلەش مەركىزى

 

تەربىيلەش مەركىزى

   شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتى تەربىيلەش مەركىزى كارخانىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ۋە جەمىئەتكە ھەر خىل تېخنىكىلىق خادىملارنى تەربىيلەيدىغان بازا بولۇپ، 1985-يىلى قۇرۇلغان، كەپشەرچىلىك بويىچە مول تەجىرىبىگە ئىگە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا ئىگە. ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ كارخانا ۋە جەمىئەت ئۈچۈن ئالىي، ئوتتۇرا، تۆۋەن دەرىجىلىك كەپشەرچىدىن 2120 ئادەم قىتىمدىن ئارتۇق تەربىيلەپ بەردى، 18 نەپەر كەپشەرچى ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تېخنىكا مۇسابىقىسىدە ئەلا نەتىجىگە ئىرىشتى، نۇرغۇن كىشىلەر چەتئەللەرگە چىقىپ قۇرۇلۇشلارغا قاتناشتى. تېخنىكىسىنىڭ ئۈستۈنلىكى بىلەن چەتئەلدىكى مۇتەخەسىسلەرنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئىرىشىپ، ۋەتەن ئۈچۈن شان-شەرەپ كەلتۈردى. 1998-يىلى 3-ئايدا دۆلەتلىك ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋىلىشى بىلەن ئېلېكتىر ساھەسىدىكى ئۆلچەم بويىچە «كەپشەرلەش تېخنىكىسىنى باھالاش قائىدىسى Ⅰ、Ⅱ、Ⅲ» تۈرى بويىچە كەپشەرچىلىك تېخنىكىسى بويىچە تەربىيلەش ۋە ئىمتىھان ئىلىش سالاھىيەت كىنىشكىسىگە ئىرىشتى ھەمدە رەسمى ھالدا «شىنجاڭ ئېلېكتىر شىركىتى 2-كەپشەرچىلىك تېخنىكىسى بويىچە تەربىيلەش مەركىزى» دىگەن ۋىۋىسكىنى ئاستى.  
   2002-يىلى شىركەت كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ۋە بازار ئىھتىياجى ھەمدە ئىلگىرىدىكى كۆپ خىل تېخنىكىلىق تەربىيلەش تەجىرىبىسى ۋە ئەمەلىي ئىقتىدارىغا ئاساسەن، «كەپشەرچىلىك تېخنىكىسى بويىچە تەربىيلەش مەركىزى» دىگەن نامنى «شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتى تەربىيلەش مەركىزى» دەپ ئۆزگەرتتى، ھەمدە مەبلەغ سىلىپ تەربىيلەش مەركىزىنى كىڭەيتتى، ھازىر قۇرۇلۇش كۆلىمى 1500 كىۋادرات مېتىر كىلىدۇ، ھەر تۈرلۈك كەپشەرچىلىك تېخنىكىسى بويىچە تەربىيلەش، كارخانىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرغۇچى خادىملار، مانتىيور، مېتال كەپشەرلەش ۋە كىسىش، ئىگىزلىككە قۇرۇلۇش جاھازىسى تىزىش، كىران مەشغۇلاتى، بىسىملىق قاچا مەشغۇلاتى قاتارلىق ھەر تۈرلۈك كەسپى تېخنىكىلىق تەربىيلەشلەرنى ئۈستىگە ئالالايدۇ؛ ئۇندىن باشقا ھەر تۈرلۈك كەسپى تېخنىكا ئېقتىدار بويىچە تەربىيلەش (ئاپتوموبىل، پار قازان، ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئىشچىسى، ئۈسكىنىلەرنى سىناش) ۋەزىپىسىنى ھەمدە مانتىيورلارنىڭ ئېلېكتىر تورىغا كىرىش مەشغۇلاتى بويىچە تەربىيلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالالايدۇ. ھەر قايسى كەسىپلەر بويىچە تەربىيلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ۋە تەربىيلەش بازىسىغا ئىگە بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا 400 نەپەر ئوقۇغۇچىنى سىغدۇرۇپ، ھەر تۈرلۈك كەسپى تەربىيلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرالايدۇ. تەربىيلەش مەركىزىنىڭ ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، ئىقتىدارى تولۇق، ھەر تۈرلۈك يىغىنلارنى ئۈستىگە ئالالايدۇ، ئىنتايىن ياخشى مەرىپەت مۇھىتىغا ئىگە.   
 

 

 
شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى
ئوت ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى
مېتال تەجىرىبە تەتقىقات ئورنى
قۇرۇلۇش-ئېمارەتلەر
شامال ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى
ئوت ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى
چەتئەل قۇرۇلۇشلىرى
تەڭشەش، سىناش ئورنى
تەربىيلەش مەركىزى
ماشىنىلاشتۇرۇش شىركىتى
رىمۇنىت قىلىش، توشۇش شىركىتى

 

      技术支持:迪飞特科技