شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى تېخنىكا ئەسلىھەلىرى شىركەت سالاھىيتى
رىمۇنىت قىلىش، توشۇش شىركىتى

رىمۇنىت قىلىش، توشۇش شىركىتى

   شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ رىمۇنىت قىلىش، توشۇش شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىپ «رىمۇنىت شىركىتى» دەپ ئاتايمىز) 2013-يىلى 7- ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئېلېكتىر ئىستانىسسىنى كۈندىلىك ئاسراش، دەرىجىسىنى تەكشۈرۈپ رىمۇنىت قىلىش، تېخنىكا جەھەتتىن ئۆزگەرتىش ۋە ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ نورمال يۈرۈشىشىگە مۇلازىمەت قىلىشنى يادرولۇق كەسىپ قىلغان كەسىپلەشكەن ئېلېكتىر رىمۇنىت شىركىتىدۇر.   
   رىمۇنىت شىركىتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى باشلامچى قىلىپ، «شىنجاڭ ئىچىدىكى ئېلېكتىر ئىستانىسسىنى تەكشۈرۈپ رىمۇنىت قىلىشتىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داڭلىق ماركا يارىتىش» نى كارخانىنىڭ نىشانى، «بىر ئائىلە كىشىلىرى، ئىناق-ئىجىل ئۆتۈش» تەك كارخانا مەدەنىيتىنى يىتەكچى قىلىپ، «مايتاغ نېفىت-خىمىيە سانائىتىدە پۇت تىرەپ تۇرۇپ، شىمالى شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتىپ، پۈتۈن شىنجاڭغا قاراپ كىڭىيىش» تەك بازار ئىستىراتىگىيسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەلنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ، يول ئىچىپ يېڭىلىق يارىتىپ كەلدى. مايتاغ نېفىت- خىمىيە ئېنېرگىيە ئىستانىسسىنىڭ 3×100MW دەرىجىلىك ھور توربىنلىق گىنراتورلار گورۇپپىسى بىلەن 5×410t/h دەرىجىلىك يۇقىرى بىسىملىق ئايلانما شەكىلدىكى پار قازاننىڭ كۈندىلىك تەكشۈرۈش، ئاسراش خىزمىتىنى ئىلىپ بارغاندىن باشقا، ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ مايتاي تىيەنلى يۇقىرى يېڭى پەن- تېخنىكا رايونى، تيەنلى كەسپى شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇشلىرىنى ئۆز ئالدىغا كۆتىرە ئىلىپ تاماملىدى.   
   مايتاغ نېفىت-خىمىيە ئىسسىقلىق، ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ كونا رايونىنىڭ 4-نومۇرلۇق پار قازاننىڭ تۆۋەن NOX ئۆزگەرتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، مايتاغ ئىسسىقلىق، ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ پار قازان تۇرخۇنىنى ئازوتسىزلاشتۇرۇش، يۇقىرى بىسىملىق توك تەقسىملەشنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، مايتاغ ئىسسىقلىق، ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ ھاۋا قىسىش پونكىتىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، مايتاغ ئىسسىقلىق، ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ 5-نومۇرلۇق پار قازاننىڭ تۆۋەن ئازوتلۇق كۆيدۈرگۈچ سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئۆزگەرتىش تۈرى، مايتاغ ئىسسىقلىق، ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ 3-، 4-نومۇرلۇق پار قازان گازىنى نىتراتسىزلاشتۇرۇش تۈرىنى تاماملاپ، بازار كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز كىڭىيىشى، بازار قۇرۇلمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىشى، داڭلىق ماركا ئۈنۈمىنىڭ ئۈنۈملۈك ھالدا يۇقىرى كۆتىرىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.   
   رىمۇنىت شىركىتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ، «ئىشەنىچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىش، خىرىدارلارنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرۈش» تەك مۇلازىمەت ئەھدىنامىسىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاساستا چىڭ تۇرۇپ، رىمۇنىت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەلا سۈپەتلىك تەكشۈرۈش ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، نىسبەتەن يۇقىرى تەكشۈرۈش سۈپىتىنى ساقلاپ، مۇلازىمەت قىلغان مايتاغ نېفىت-خىمىيە ئىستانىسىنىڭ گىنراتورلار گورۇپپىسىنىڭ ئىشەنچىلىكى، ئىقتىسادچانلىقى ۋە مۇھىت ئاسراشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتىرىشكە تۆھپە قوشۇپ، مايتاغنىڭ ئەتراپىدا ياخشى بولغان داڭلىق ماركا ئوبرازىنى تىكلىدى.    
   يۈرەر كېمە بوراندا قىلچە قورقماي دولقۇن ئۇرۇپ، يامغۇردىن كىيىن جاھاننى قاپلار جانلىق تۇنجى بولۇپ. 2013-يىلى شىركەت ئىسلاھات ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق قايتىدىن تەشكىللىنىپ، تېخىمۇ ساغلام روھى ھالەت بىلەن، مەردانىلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرلەپ، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. «تۆت تۈرلۈك باشقۇرۇش» تا چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنىچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، ئىشەنىچ ئارقىلىق بازارنى ئىگىلەپ، نەتىجە بىلەن داڭلىق ماركا يارىتىپ، خىرىدارلار بىلەن تەڭ تەرەققى قىلىشنى كۆزلەپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق ياراتقۇسى.   

 

 

 
شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى
ئوت ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى
مېتال تەجىرىبە تەتقىقات ئورنى
قۇرۇلۇش-ئېمارەتلەر
شامال ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى
ئوت ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى
چەتئەل قۇرۇلۇشلىرى
تەڭشەش، سىناش ئورنى
تەربىيلەش مەركىزى
ماشىنىلاشتۇرۇش شىركىتى
رىمۇنىت قىلىش، توشۇش شىركىتى

 

      技术支持:迪飞特科技