شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى تېخنىكا ئەسلىھەلىرى شىركەت سالاھىيتى
ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى

 

 

ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى

           شىركەت 1998-يىلى تىرانسىفورماتور ساھەسىگە قەدەم قويغاندىن بۇيان، ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ 220 كىلوۋاتلىق ھەمدە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك تىرانسىفورماتور ئىستانىسسىدىن 40 نەچچە يۈرۈش ۋە 3000 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئېلېكتىر كابىلىنى ئورنىتىش ۋەزىپىسىنى كۆتىرە ئىلىپ، دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى، بىڭتۈەن سىستېمىسى، شامال ئېلېكتىر كەسپى قاتارلىقلار بىلەن زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىپ، شىنجاڭدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن چەتئەلگە يۈرۈش قىلىپ، سىستېما، كەسىپ، رايون ئاتلاشتەك ئومۇمىيۈزلۈك تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇش تۈرىدە شىركەت پائال تۈردە ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە ئۆلچەمگە يىتىپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىشتە ئىلغارلىق تالىشىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.   
   2008-يىلى 10-ئايدا، 220 كىلوۋاتلىق خوتەندىن يەكەنگە توك يوللاش قۇرۇلۇشى، 220 كىلوۋاتلىق ئاقسۇدىن قەشقەرگە توك يوللاش قۇرۇلۇشى، 220 كىلوۋولتلىق كۆسەندىن ئاقسۇغا ئىككىنچى قىتىملىق توك يوللاش لىنىيسى قۇرۇلۇشى دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى تەرىپىدىن ئۆلچەمگە يەتكەن، ئىلغارلىق تالاشقان قۇرۇلۇش بولۇپ باھالاندى. 220 كىلوۋولتلۇق جىنشا تىرانسىفورماتور ئىستانىسسى قۇرۇلۇشى شىنجاڭ تىرانسىفورماتور ئىستانىسسى قۇرۇلۇشىدىكى ئۆلچەملەشكەن قۇرۇلۇشنىڭ ئۆرنەك قۇرۇلۇشى بولۇپ باھالاندى. 2009-يىلى 10-ئايدا 220 كىلوۋولىتلىق ۋۇسەيۋەن توك يوللاش قۇرۇلۇشى، 220 كىلوۋولتلۇق جىنشا تىرانسىفورماتور ئىستانىسسى قۇرۇلۇشى، 220 كىلوۋولتلىق تەييۈەندىن كۆسەنگە توك يوللاش قۇرۇلۇشى دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى بويىچە ئۆلچەمگە يەتكەن، ئىلغارلىق تالاشقان قۇرۇلۇش بولۇپ باھالاندى. 220 كىلوۋولتلۇق ئالار جىلغىسى تىرانسىفورماتور ئىستانىسسىنىڭ قۇرۇلۇشى شىنجاڭ ئېلېكتىر شىركىتى تەرىپىدىن قۇرۇلۇش قەرەلىنى باشقۇرۇشتىكى سىناق نۇقتا قۇرۇلۇشى قىلىپ بىكىتىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاساسى قۇرۇلۇشنى ئۆلچەملەشتۈرۈشتىكى نۇسقا قۇرۇلۇش قىلىپ بىكىتىلدى. 2008-يىلى شىركەت مۇستەقىل ھالدا 750 كىلوۋولىتلىق ئۈرۈمچىنىڭ شىمالىدىن تۇرپان، قۇمۇلغا توك يەتكۈزۈش لىنىيە قۇرۇلۇشىنىڭ Ⅷ-بۆلىكىنى مۇستەقىل تاماملىدى. 2009-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى شىركىتى 750 كىلوۋولىتلىق ئۈرۈمچى-تۇرپان-قۇمۇل توك يەتكۈزۈش لىنىيسىگە قارىتا كۆچمە قىزىل بايراق تارقىتىپ تەكشۈرۈپ باھالاشتا، شىنجاڭ ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ 750 قۇرۇلۇش شىركىتى «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى كۆچمە قىزىل بايراق» قا ئىرىشتى.    
   2010-، 2011-يىلى كۆتىرە ئالغان توقسۇن 220 كىلوۋولىتلىق سانائەت باغچىسى تىرانسىفورماتور ئىستانىسسى قۇرۇلۇشى، شىخەنزە شىيايېدى 220 كىلوۋولىتلىق تىرانسىفورماتور ئىستانىسسى، تۇز كۆل 220 كىلوۋولىتلىق تىرانسىفورماتور ئىستانىسسى قۇرۇلۇشى، چاڭنېڭ 220 كىلوۋولىتلىق تىرانسىفورماتور ئىستانىسسى قۇرۇلۇشى، توققۇزتارا 220 كىلوۋولىتلق تىرانسىفورماتور ئىستانىسسى، چەرچەن 220 كىلوۋولىتلىق تىرانسىفورماتور ئىستانىسسى، چۆچەكنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن چەرچەن ناھىيسىگە بولغان 220 كىلوۋولىتلىق توك يوللاش لىنىيسى قۇرۇلۇشى، خېفىڭدىن بەيكوچۈەنگىچە بولغان 220 كىلوۋولىتلىق توك يوللاش لىنىيسى دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى تەرىپىدىن «ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش» دىگەن شەرەپكە ئىرىشتى. لۇڭيۈەن گورۇھىنىڭ شىنجاڭ ئالاتاۋ ئېغىزى شامال ئېلېكتىر ئىستانىسسىنىڭ 2-قارارلىق ھەمدە بىسىم ئاشۇرۇش پونكىتىنىڭ قۇرۇلۇشى جۇڭگو ئېلېكتىر قۇرۇلۇش كارخانىلىرى جەمئىيتى تەرىپىدىن «جۇڭگو ئېلېكتىر كەسپىدىكى ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش» مۇكاپاتىغا ئىرىشتى. شىخەنزە لىيەنجۇڭ 220 كىلوۋولىتلىق تىرانسىفورماتور ئىستانىسسىنىڭ قۇرۇلۇشى شىنجاڭ تيەنفۇ ئىسسىقلىق، ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتى ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى قۇماندانلىق ئورنى تەرىپىدىن «باشقۇرۇشى قاتتىق، سۈپىتى ئالدىنقا قاتاردا تۇرىدىغان، تېخنىكىسى ئىلغار، كەسپتە نەمۇنە بولغان» دىگەن شەرەپلىك ناملارغا مۇيەسسەر بولدى. چاڭنېڭ 220 كىلوۋولىتلىق تىرانسىفورماتور ئىستانىسسى قۇرۇلۇشى شىنجاڭ ئېلېكتىر شىركىتى، دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى شىركىتى تەرىپىدىن «تىرانسىفورماتور قۇرۇلۇش تۈرىنى باشقۇرۇش بويىچە كۆچمە قىزىل بايراق» دىگەن نامغا ئىرىشتى.    
   شىركەت دۆلەت ئىچىدىكى قۇرۇلۇشلاردا پۇت دەسسەپ تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، زور كۈچ بىلەن چەتئەل بازارلىرىنى ئاچتى. 2005-يىلى شىركەت خىرىدار چاقىرىشتا مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا سۇدان جۇمھۇرىيتى مېروۋى دامبىسى ئۆزگىرىشچان تىرانسىفورماتور قۇرۇلۇشىنىڭ P2 بۆلىكىنىڭ 500 كىلوۋاتلىق كابىل يولىنىڭ 350 كىلومېتىرلىق قۇرۇلۇشىنى قولغا كەلتۈردى؛ 2007-يىلىنىڭ بىشىدا شىركەت مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئالاھىدە ئۆزگىرىشچان تىرانسىفورماتور ئېلېكتىر پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تاجىكىستان خارتوم 220 كىلوۋاتلىق ئۆزگىرىشچان تىرانسىفورماتور ئىستانىسسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قولغا كەلتۈردى؛ 2007-يىلى 11-ئايدا مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئالاھىدە ئۆزگىرىشچان تىرانسىفورماتور ئېلېكتىر پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تاجىكىستان خۇجەند 500 كىلوۋاتلىق ئۆزگىرىشچان تىرانسىفورماتور ئىستانىسسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تاجىسكىستان 500 كىلوۋاتلىق ئۆزگىرىشچان تىرانسىفورماتور كابىل لىنىيسى قۇرۇلۇشىنىڭ Ⅱ-بۆلىكىنىڭ 74 كىلومېتىرلىق كابىل ئورنىتىش قۇرۇلۇشىنى قولغا كەلتۈردى؛     
   2009-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتى ئاساسلىق قاتناشقان ۋە كۆتىرە ئالغان تاجىكىستان ئېلېكتىر تورى 220 -500 كىلوۋولىتلۇق يۇقىرى بىسىملىق ئۆزگىرىشچان تىرانسىفورماتور ئىستانىسسىنىڭ پۈتۈن قۇرۇلۇشى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا پۈتۈن، تاجىكىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ زۇڭتۇڭى راھاموننىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئىرىشىپ، «ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تېخنىكا سەۋىيسى ئەڭ يۇقىرى تىرانسىفورماتور ئىستانىسسى قۇرۇلۇشى، جۇڭگو-تاجىكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئۆز-ئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدىكى مۇۋاپىقىيەتلىك نەمۇنە» دەپ تەرىپلەندى. 2010-يىلى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئالاھىدە ئۆزگىرىشچان تىرانسىفورماتور تاجىكىستان ساخىرىستان 220 كىلوۋاتلىق ۋىكلىيۇچاتىل ئىستانىسسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قولغا كەلتۈردى؛ 2012-يىلى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئالاھىدە ئۆزگىرىشچان تىرانسىفورماتور ئېلېكتىر پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ قىرغىزىستان جەنۇبى قىسىم ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش تۈرىنىڭ ئۆزگىرىشچان تىرانسىفورماتور ئىستانىسسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قولغا كەلتۈردى؛ 2013-يىلى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئالاھىدە ئۆزگىرىشچان تىرانسىفورماتور ئېلېكتىر پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ قىرغىزىستان دارتكا-كاموڭ 500 كىلوۋاتلىق ئۆزگىرىشچان تىرانسىفورماتور ئىستانىسسىنىڭ Ⅰ、Ⅱ、Ⅲ بۆلىكىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قولغا كەلتۈردى، ھازىر بۇ قۇرۇلۇش جىددى ئىلىپ بىرىلىۋاتىدۇ.

   
 
شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى
ئوت ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى
مېتال تەجىرىبە تەتقىقات ئورنى
قۇرۇلۇش-ئېمارەتلەر
شامال ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى
ئوت ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى
چەتئەل قۇرۇلۇشلىرى
تەڭشەش، سىناش ئورنى
تەربىيلەش مەركىزى
ماشىنىلاشتۇرۇش شىركىتى
رىمۇنىت قىلىش، توشۇش شىركىتى
 

 

      技术支持:迪飞特科技